خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆكتىچى پىڭ مىڭگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى

خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى خىتايدىكى ئاتاقلىق ئۆكتىچى پائالىيەتچىسى پىڭمىڭنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

پىڭمىڭنىڭ سىڭلىسىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ۋۇخەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت ئۇنى " تېررورلۇق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ۋە يېتەكلەش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن ھەمدە ئۇنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى ئۆمۈر بويى ئېلىپ تاشلىغان.

خىتاينىڭ ئەيىبنامىسىدە، پىڭ مىڭ 2001 - يىلىدىن باشلاپ ئىنتېرنېتتە ماقالە ئېلان قىلىپ، شۇنداقلا "دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى" دېگەن كىتابنى يېزىپ، قورال كۈچى بىلەن كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنى ئۆرۈپ تاشلاشنى تەشۋىق قىلغان دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا يەنە، پىڭمىڭ باشقىلارنى ئىشقا سېلىپ ھۆكۈمەت ئەمەلدالىرىنى گۆرۈگە ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ مەغلۇپ بولغان دېيىلگەن.

پىڭمىڭنىڭ ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندا، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر يېنىدا بار بولۇپ، ھۆكۈمدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ قايتا يۇقىرىغا ئەرز سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى پىڭمىڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەدىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى بېرمىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىشى قانۇنسىز بولۇپ، ئۇنى قارىلايدىغان سەۋەبلىرىمۇ يىتەرلىك ئەمەس، سوت جەريانىمۇ مۇۋاپىق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئادىللىقىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، پىڭ مىڭ خىتايدىكى ئاتاقلىق ئۆكتىچى پائالىيەتچى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى بېيجىڭدە "خىتاي تەرەققىيات بىرلەشمىسى" نى قۇرغان. ئۇنىڭ يەنە خىتايدا سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ئۆزگىچە كۆز قاراشلىرى بار ئىكەن. (ئارزۇ)