خىتاي ، خوڭكوڭدىكى دىموكراتىك زاتلارنىڭ شاڭخەينى زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلدى


2004.08.29

خىتاي دائىرىلىرى ، خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى دىموكراتىك زاتلارنىڭ بىرى بولغان لۇ جىگۋاڭنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىغا كىرىشىنى رەت قىلدى .

خىتاي چىگرا باشقۇرۇش دائىرىلىرى ، لۇ جىگۋاڭنى شەنبە كۈنى شاڭخەي ئايدۇرۇمىدىن قايتۇرىۋەتكەن .لۇ جىگۋاڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىگە قارشى خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچى سىياسى پارتىيە - دىموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى . لۇ جىگاڭنىڭ خوڭكوڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىلدۈرۈشىچە ، خىتاي چىگرا باشقۇرۇش دائىرىلىرى لۇ جىگۋاڭغا ئۇنىڭ خىتايغا كىرىشى چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ، ئۇنىڭ خىتايغا كىرىشى پايدىسىز دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . لۇ جىگۋاڭ ، خوڭكوڭدىكى ئىجدىمائى پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ماڭغان ئىدى .

دىموكراتلار پارتىيەسى ۋەقەدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمېتى خوڭكوڭ ئالاقىلىشىش باشقارمىسىنىڭ ئىلگىرى لۇ جىگۋاڭ خىتايغا بارىمەن دىسە بولىدۇ دىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى . خوڭكوڭدىكى پارلامېنت سايلىمىغا ئىككى ھەپتە قالدى . مۇتلەق كۆپچىلىك كۈزەتكۈچىلەر ، خوڭكوڭلىقلارنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامنى خوڭكوڭ دىموكراتىيەسىنىڭ كۈچىنى ئۆلچەيدىغان سىناق دەپ قاراۋاتقانلىقى ، بېيىجىڭنىڭ قوللىشىدىكى خوڭكوڭ مەمۇرى رايون ئەمەلدارى دوڭ جىيەنخۋا ئۈچۈنمۇ سىناق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە . خوڭكوڭ ئىختىسادىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئارقىغا چېكىنىشى دوڭ جىيەنخۋانىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرويىغا تەسىر يەتكۈزگەن . خوڭكوڭلىقلار بۇ يىل 7 - ئايدا نەچچە ئون مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ 2007 - يىلغىچە خوڭكوڭدا ئومۇمى سايلام ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى ئەيىپلىگەن ئىدى . (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.