خوڭكوڭدا 60 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خوڭكوڭدا يەكشەنبە كۈنى نەچچە ئون مىڭ كىشى كوچىغا چىقىپ تىنچ ھالدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتتىن دېموكراتىيىنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نامايىشقا ئاز دېگەندە 60 مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ھەر خىل شۇئارلارنى توۋلاپ، ھۆكۈمەتتىن خەلققە، خوڭكوڭ رەھبەرلىرىنى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى بىۋاستە سايلاپ چىقىش ھوقۇقىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

گەرچە خوڭكوڭلۇقلار ئومۇميۈزلۈك دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ دائىرىلىرى خوڭكوڭ سىياسىي ئىسلاھات مەسىلىلىرىدە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆز قارارىنى چىقىرىشىنى خالىماي كەلدى. خىتاي 1997‏- يىلى خوڭكوڭنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ئەنگىلىيىدىن قايتۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمىغان ئىدى.

بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇنمۇ ، خوڭكوڭدا 50 مىڭ كىشىلىك دېموكراتىك نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان. ھەمدە شۇ سەۋەبتىن خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. (پەرىدە)