خىتاي ئامېرىكىنى خوڭكوڭ مەسىلىسىدىن يىراق تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇردى
2005.12.06
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىشكە ئاۋاز قوشۇدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنى خوڭكوڭ مەسىلىسىدىن يىراق تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇردى.
يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان نامايىشچىلار يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئومۇمى سايلام ۋاقىت جەدۋىلى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئادام ئەرەلىي، ئامېرىكا " خوڭكوڭ پۇقرالىرى دېموكراتىيىگە تەييار بولدى، دەپ قارايدۇ شۇنداقلا ئومۇمى سايلام ۋاقىت جەدۋىلىنى قانچە تېز ئېلان قىلسا، شۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.
ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، " خوڭكوڭ مەسىلىسى جوڭگونىڭ ئىچكى ئىشى،" دەپ ئاگاھلاندۇردى. ئۇ، "ئامېرىكا كاپالىتى بولمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرگە ئىپادە بىلدۈردى. بۇ مۇۋاپىق بولمىغان ۋە بىز قارشى تۇرىدىغان مەسىلە،" دەيدۇ.
خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى لى جۇمىڭ قاتارلىق دېموكراتىك كۈچلەر يېقىندا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، كوندىلىزا رايىس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش خوڭكوڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى زېڭ يىنچۈئەن ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بېرى دۇچ كەلگەن ئەڭ جىددى رىقابەت ھېسابلىنىدىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خوڭكوڭدا 60 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- بېيجىڭ بىلەن خوڭكوڭ دېموكراتلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى
- رايىس: خوڭكوڭنىڭ سىياسى تەقدىرىنى خوڭكوڭلۇقلار ھەل قىلىشى كېرەك
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋالدى
- ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ رەھبەرلىرى خوڭكوڭدىكى سىياسىي ئىسلاھاتتىن ئۈمىدسىزلەندى