خۇ جىنتاۋ خوڭكوڭدا دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىش ۋاقىت جەدىۋىلى بەرمىدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ سەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭ ۋالىسى زىڭ يىڭچۈەن بىلەن بېيجىڭدا ئۇچرىشىپ، خوڭكوڭغا دېموكراتىيىنىڭ قەدەممۇ - قەدەم كېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

خوڭكوڭ پارلامېنتى ئۆتكەن ھەپتە زىڭ يىڭچۈەننىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى قوللىغان ئىسلاھات پىلانىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خوڭكوڭ ۋالىسىغا ھەر قانداق ئۆزگىرىش تەدرىجى ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، دېدى. سۆھبەت جەريانىدا خۇ جىنتاۋ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ زىڭ يىڭچۈەننى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا دېموكراتىيە تەرەققىياتىنى قوللايدۇ، دېگەن. ئەمما ئۇ، " ھەر قانداق دۆلەت ۋە رايوننىڭ دېموكراتىيە تەرەققىياتى تەدرىجى تارىخىي جەريانىغا ئىگە. خوڭكوڭ دېموكراتىيىسىنىڭ تەرەققىياتىمۇ مۇقىم، توغرا ئۇسۇل ۋە سېستىمىلىق يوللار بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك" دەيدۇ. زىڭ يىڭچۈەننىڭ ئىسلاھات پىلانى ئۆتكەن ھەپتە خوڭكوڭ پارلامېنتى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى دېموكراتىك كۈچلەر زىڭ يىڭچۈەننىڭ پىلانىنى يىتەرلىك ئەمەس ۋە ئومۇمى سايلام ۋاقىت جەدىۋىلى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان، دەپ تەنقىد قىلغان.

بۇ ئارىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ پۇقرالىرىنىڭ زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلمەكتە. پۇقرالار بۇ ئاينىڭ باشلىرى نەچچە ئون مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن خوڭكوڭدا ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىش ۋاقىت جەدىۋىلى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ زىڭ يىڭچۈەننىڭ خوڭكوڭ ۋالىسى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بېرى تۇنجى قېتىم بېيجىڭغا بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)