ۋېن جياباۋ خوڭكوڭلۇقلارنى مەسىلىنى بىرلىكتە ھەل قىلىشقا چاقىردى


2005.12.28

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ جۇڭنەنخەيدە خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون باشلىقى زېڭ يىڭچۈەننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خوڭكوڭدا يەنىلا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىختىلاپ ۋە مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇنى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بىرلىكتە ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

زېڭ يىڭچۈەننىڭ بېيجىڭدىكى بۇ زىيارىتى، ئۇ مەمۇرىي رايون باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەندىن بۇيان خىتايغا قىلغان تۇنجى سەپىرى. ۋېن جياباۋ ئۇنىڭ تەختكە چىققان يېرىم يىلدىن بۇيانقى خوڭكوڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى تەرىپلەش بىلەن بىرگە، خوڭكوڭدا ھەل بولمىغان مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

خوڭكوڭ پارلامېنتى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى قوللىغان سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھات لايىھىسىنى قوبۇل قىلمىغان بولۇپ، بۇ زېڭ يىڭچۈەن ئۈچۈن بىر چوڭ سىناق ۋە خىجىلچىلىق بولدى. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ، خىزمىتىنى دوكلات قىلىشى كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتتى.

زېڭ يىڭچۈەن ۋېن جياباۋدىن بۇرۇن سەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.