خوڭكوڭ دېموكراتلار پارتىيىسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىئانادا باشلانغان يىللىق يىغىنىغا خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات سۇنماقچى. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 3 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرى ب د ت "پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسى" نىڭ خوڭكوڭدا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.
دېموكراتلار پارتىيىسى دوكلاتىدا خوڭكوڭ مەمۇرىي دائىرىلىرىنى خوڭكوڭ ئەدلىيىسىنىڭ بىتەرەپلىكى ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە تەنقىد قىلىشى مۈمكىن. خوڭكوڭ دېموكراتلار پارتىيىسى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خوڭكوڭ دائىرىلىرىنى "خوڭكوڭ خەلقىنىڭ دېموكراتىيە، پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقىنى قوغداشقا بولغان ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى يەردە قويدى " دەپ ئەيىبلىگەن.
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ سەيشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا خوڭكوڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، خوڭكوڭ ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىش، خوڭكوڭ دېموكراتىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش خوڭكوڭ تۈپ قانۇنىدىكى تەرتىپلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، دەيدۇ. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىنقى يىلى خوڭكوڭ تۈپ قانۇنىغا چۈشەنچە بېرىپ، خوڭكوڭدا 2007 ۋە 2008 - يىللىرى ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلغان. (ئەركىن)