شىخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك تەشكىلاتلار 2006 - يىل 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، تەيۋەندىكى دېموكراتىك تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە "بىر دۆلەتتە ئىككى خىل سىياسىي تۈزۈم" دېگەن سىياسەت ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە ۋىدىئۇ تېلېفونى ئارقىلىق مۇزاكىرە قىلغان. 2007 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئالاقە باغلاش ئورنى "بۇ تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ دېموكراتىيە دېگەن نام ئاستىدا خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئوچۇق -ئاشكارا ئارىلاشقانلىقى" دەپ ئەيىبلەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىشىغا كەلگەندە، مەسىلەن، دالاي لاما چەتئەللەرنى زىيارەت قىلماقچى بولسا ياكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرغان دۆلەتلەردە دېموكراتىك پائالىيەت ئۆتكۈزمەكچى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمىشە چەتئەللەرگە ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە رۇخسەت قىلماسلىق توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئۆزى قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ كەلمەكتە. (ۋەلى)
