تەيۋەن خىتاينى خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىلىدىغان باشلىق سايلىمىغا يول قويۇشقا چاقىردى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبىدىن بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، تەيۋەندىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارى، خوڭكوڭ چوقۇم كۆپ سانلىق ئامما سايلاپ چىققان باشلىققا ئىگە بولۇشى ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە كوممۇنىسى خىتايدا دېموكراتىيىگە يول ئېچىشى كېرەك دەپ بىلدۈرگەن.

تەيۋەن- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشىنىڭ باش رەئىسى ۋۇ جاۋشيې شەنبە "ھازىرغا كەلگىچە بۇ نۆۋەتلىك باشلىق سايلىمىدا كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ئىلگىرىلەشلەر كۆرۈلۈۋاتىدۇ، بىز بۇ دېموكراتىيىنى ياقلىغۇچى خەلقنىڭ قەتئىي قايتماس ئىرادىسىگە قايىلمىز ۋە ئۇلارنى قوللايمىز"، دېدى، ئۇ يەنە، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيىنىڭ بىر قەپەز ئىچىدىكى دېموكراتىيە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ يەنىلا ئۆز مەمۇرلىرىنى ئەركىن تاللاپ چىقىدىغان ئالاھىدە ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خوڭكوڭ 1997 ‏- يىلى خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كىيىن، خىتاي تەرەپ "خوڭكوڭغا ئالاھىدە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىمىز" دەپ ۋەدە بەرگەن ۋە "بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش" سىياسىتىنى بەلگىلەپ چىققان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، تەيۋەن خوڭكوڭنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ۋۇ جاۋشيې "ئەگەر خىتاي دېموكراتىيە مۇقەررەر مېڭىشقا تېگىشلىك يول دەپ ئىشەنسە، ئىجرا قىلىشنى تېزراق ئۆگىنىشى ۋە خوڭكوڭنى چوقۇم بىر دېموكراتىيە تەجىرىبىخانىسى دەپ بىلىشى كېرەك" دېدى. (جۈمە)