خوڭكوڭ ئالىي سوتى ھۆكۈم چىقىرىپ، خوڭكوڭ قانۇن بەلگىلەش ئورگىنىنىڭ خەلق باشقۇرۇشىدىكى بىر رادىئو ئىستانسىسىنى چەكلەشنى داۋاملاشتۇرۇش ئەرزىنى رەت قىلدى.
خوڭكوڭ قانۇن بەلگىلەش ئورگىنى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى خوڭكوڭ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ خوڭكوڭغا جايلاشقان خەلق باشقۇرۇشىدىكى بىر دېموكراتىيىچى رادىئو ئىستانىسسىنى قانۇنى رەسمىيتى تولۇق بولمىغان شارائىتتا " ئېلېكتورونلۇق ئالاقە بەلگىلمىسى" گە ئاساسەن چەكلەشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
رويتېرستا كۆرسىتىشىچە، خوڭكوڭ سوتچىىسى شىيا جېڭمىن، مەزكۇر رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئاساسىي كىشلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان رادىئو ئىستانسسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە : " ئۇلار قوللىنىۋاتقان ئۇسۇل بەلكىم بەزى كىشىلەرنى بىئارام قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. ئەمما، مەيلى توغرا ، مەيلى خاتا بولسۇن، شۇنى قوبۇل قىلىش كېرەككى ، ئۇلار ئۆزىنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسىنى قوغداش جەھەتتە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز دەپ تونۇيدۇ’ دېگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر رادىئو ئىستانسسى 2005- يىلى پائالىيەت باشلىغاندىن بۇيان، ئۇلارنىڭ رادىئو سىگنالى ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش سىگناللىرىغا دەخلى قىلغان بىرەر ھادىسە كۆرۈلمىگەن ئىكەن.
ئىلگىرى خوڭكوڭ شەرقى رايون سوت مەھكىمىسىمۇ، خوڭكوڭ قانۇن بەلگىلەش ئورگىنىدىكى لياڭ گوشىياڭ قاتارلىقلارنىڭ مەزكۇر رادىئو ئۇستىدىن سۇنغان ئەرزىنى يەرلىكلەر بەلگىلىگەن " ئېلېكتورونلۇق ئالاقە بەلگىلمىسى" ، خوڭكوڭنىڭ "ئاساسىي قانۇنى" ۋە كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ رەت قىلغان ئىدى.
