خوڭكوڭ مەمۇرى سايلامدىن بۇرۇن دېموكراتىيىگە يول ئاچىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 23 ‏- مارتتىكى خەۋرىگە قارىغاندا، خوڭكوڭنىڭ باش مەمۇرى زىڭ يىڭچۈئەن جۈمە كۈنى، ئەگەر بۇ نۆۋەت يەنە خوڭكوڭغا باش مەمۇر بولۇپ سايلانسا، تولۇق دېموكراتىيىگە ھول سالىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ قارىشىچە زىڭ يىڭچۈەننىڭ مۇشۇ يەكشەنبە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا سايلىنىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.

10 يىل بۇرۇن برىتانىيە خوڭكوڭنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. بۇ سايلام شۇنىڭدىن كېيىنكى خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى سايلام ئىكەن. سايلامدا زەپەر قۇچقۇچى 800 كىشىدىن تەركىپ تاپقان سايلام كومىتېتى ( سايلام پالاتاسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تەرىپىدىن تاللاپ چىقىلىدۇ.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سايلام كومىتېتى بەكلا خىتايپەرەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەنە بېيجىڭ تەرەپنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان زىڭ يىڭچۈئەنگە بىلەت تاشلىشى ئېنىق ئىكەن. بۇ نۆۋەتلىك سايلامغا نامزات بولۇپ قاتناشقان خوڭكوڭلۇق ئادۋوكات ۋە قانۇنشۇناس لياڭ جياجيې زىڭ يىڭچۈەننىڭ بىردىن-بىر رەقىبى ئىكەن.

تەنقىدچىلەرنىڭ قارىشىچە، خوڭكوڭ ئاسىيادىكى ئەڭ باي، مۇقىم ۋە ياخشى تەربىيە كۆرگەن جەمئىيەت بولۇشى سۇپىتى بىلەن تولۇق دېموكراتىيىگە لايىق ئىكەن. يەكشەنبە كۈنى ئاز دېگەندە 1800 دەك خوڭكوڭ ئاممىسى بۇ نۆۋەتلىك سايلامغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى. (جۈمە)