خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سىياسىتىگە قارشى چىققان ئىككى كىشىنى تۈرمىگە تاشلىدى
2004.09.05
خىتاينىڭ جېجىياڭ ئۆلكىسىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سىياسىتىگە نارازى بولغان ئىككى كىشىنى "قانۇنسىز نامايىش تەشكىللەش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، تۈرمىگە تاشلىدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جېجىياڭ ئۆلكىسى جىنخۇا شەھىرىگە قاراشلىق بىر يېزىدىكى دېھقان ۋۇ پىنلۇ ۋە ياڭ يۈخەنلەر 100 دەك كىشىنى تەشكىللەپ، بۇ يىل 3 - ئايدا نامايىش ئۆتكۈزگەن. ئۇلار جىنخۇا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا شوئار توۋلاپ، لوزۇنكىلارنى ئېسىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشىگە قارشى چىققان. نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشنى تەشكىللىگەن مەزكۈر ئىككى كىشىنى تۇتۇپ، تېخى يېقىندا ئۇلارغا بىر يېرىم يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەتتە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن ھەر قانداق نامايىشنى زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇپ، نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلىدۇ. (ئارزۇ)