خىتاي رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى ھوقۇق كۈرىشىنىڭ مۇقامى يۈكسەلدى


2004.09.12

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت 16 - قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - ئومۇمى يىغىنى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئېچىلىدۇ . فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ رەئىسى جاڭ زېمىننىڭ پارتىيە ئىچىدە قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى، بىراق ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئومۇمى يىغىنىدا ھەربىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ رەئىسلىكىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى .

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەرباپلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، بۇ يىل 78 ياشتىكى جاڭ زېمىننىڭ دېڭ شاۋپىڭدەك سىياسى بىرودىكى دائىمىي ھەيئەتلىك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ھەربىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش نىيىتى يوقكەن .

پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەربابللار ، جاڭ زېمىننىڭ ھەربىي كومىتېت رەئىسلىكىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ 2005 - يىلى چاقىرىلىدىغان مەركىزى كومىتېت 5 - ئومۇمى يىغىنىدىمۇ ھوقۇق تاپشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىنى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ئارىدا ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۇ بوشىيوڭ، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلى ۋە گەنسۇلاردىكى خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە جاڭ زېمىننى ئاشكارە قوللىغان. تەيۋەن مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇ بوشيوڭ قوراللىق قىسىملارنى ھەرقانداق ۋاقىت ۋە ھەرقانداق ئەھۋالدا ھەربىي ئىشلار كومتېتى ۋە جاڭ زېمىننىڭ قوماندانلىقىغا بوي سۇنۇشقا چاقىرغان. بىراق خىتاينىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ، گۇ بوشىيوڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە گەنسۇدىكى قىسىملارغا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىكى ئۇچكە ۋەكىللىك قىلىش نەزىرىيەسىنى ئۆگىنىش، جاڭ زېمىننىڭ قوماندانلىقىغا بوي سۇنۇش ھەققىدىكى سۆزلىرىنى قىسقارتىپ ئېلان قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.