خىتاي دائىرىلىرى ئۆكتىچىلەر ۋە يۇقىرىغا ئەرز قىلغۇچىلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى كۈچەيتتى

خىتاي كومپارتىيىسى -16 نۆۋەتلىك -4 ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلىش ھارپىسىدا، ئۆكتىچى ۋە يۇقىرىغا ئەرز سۇنغۇچىلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى ھازىرغىچە بېيجىڭغا ئەرز سۇنۇشقا كەلگەن نەچچە مىڭ كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.

نۇرغۇن پائالىيەتچىلەر ھازىر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۇلارنى ۋەھشىيلەرچە قىيىن- قىستاققا ئېلىشىنىڭ ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ۋەھشىيلەشكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

خېنەندىن بېيجىڭغا ئەرز سۇنغىلى كەلگەن بىر كىشى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا، "ئەگەر ھۆكۈمەت ئارقىدا قوللاپ بەرمىگەن بولسا، ساقچىلار بۇنداق قىيناشقا قانداقمۇ جۈرئەت قىلالايتتى" دەپ بىلدۈرگەن.

خېيلوڭجىياڭدىن كەلگەن يەنە بىر كىشى ئاگېنتلىققا، نۆۋەتتە ۋەزىيەتنىڭ ھەقىقەتەن ناچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر ئۆزى يىغىندىن بۇرۇن قولغا ئېلىنىپ كەتمىسىلا، يىغىن مەزگىلىدە تيەنئەنمېن مەيدانى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

نيو-يوركتىكى "خىتاي كىشىلىك ھوقۇق" تەشكىلاتى، خىتاي دائىرىرىلىرىنىڭ -9 ئايدىن بۇيان يوقۇرىغا ئەرز سۇنۇشقا كەلگەن 36 مىڭ كىشىنى قولغا ئېلىپ بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. (پەرىدە)