خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىگە قاراشلىق خېبىيەن كەنتىدە، بىر باغچىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملىرى، ئۇلار بىلەن ئېيتىشىپ قالغان نەچچە ئونلىغان كىشىگە قوللىرىدىكى پىچاق ۋە توك كالتەكلەر بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ھازىر يارىلانغان 30 كىشى دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ باغچىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملار بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى خەقلەرنىڭ پۇلىنى ئوغرىلىماقچى بولغان دەپ گۇمان قىلىپ قاتتىق ئۇرغان. ھەمدە بۇ بالىنىڭ ئۆيىدىن 3 كىشى باغچىغا بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلغىلى كەلگىنىدە، ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملار ئۇلارغىمۇ ھۇجۇم قىلغان.
غەزەپلەنگەن كەنت ئاھالىسى ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە باستۇرۇپ كېلىپ، ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملار بىلەن تۇتۇشقان. ھەمدە 30 نەچچە كىشى ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان. بۇ توقۇنۇش 200دىن ئوشۇق ساقچى قوشۇنى يېتىپ كەلگەندىن كېيىنلا توختىغان. يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى مەزكۇر ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بۇ ھەقتە بىر نېمە دېيىشنى رەت قىلدى. (پەرىدە)