كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى شىراكنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە ئۈندىدى

فرانسىيە پرېزىدېنتى شىراك (Jachques Chirach) خىتايدا زىيارەتتە بولىۋاتقان مەزگىلدە، باش شىتابى پارىژدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان " چېگراسىز مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى" دۈشەنبە كۈنى شىراكنى تۈرمىگە تاشلانغان ئۆكتىچى ۋە ئاخبارات خادىمى خۇاڭ جىڭچيۇنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، " چېگراسىز مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى" بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ فرانسىيە پرېزىدېنتى شىراكنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدىن پايدىلىنىپ، خىتايدىكى سۆز ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇاڭ جىڭچيۇ بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىلگىرى " ياڭچېڭ گېزىتى" قاتارلىق خىتايدا چىقىدىغان نۇرغۇن گېزىت-ژورنال ۋە ئىنتېرنەتلەردە كۆپ قېتىم ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ئۆتكەن يىلى 9- ئاينىڭ 13 - كۈنى جىياڭسۇدا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى تەرىپىدىن مەخپىي قولغا ئېلىنىپ، كېيىن "دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش" جىنايىتى بىلەن 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. (پەرىدە)