خىتاي كومپارتىيىسى، شەنبە كۈنى جېجاڭ ئۆلكىسى كومپارتىيە سېكرېتارى شى جىنپېڭنى شاڭخەي شەھرىنىڭ پارتىيە باشلىقى قىلىپ تەيىنلىدى. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر شى جېنپېڭنىڭ شاڭخەي كومپارتىيىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ تەينلىنىشى، خۇ جىنتاۋ نىڭ ھاكىمىيەتتىكى ئورنىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، دېيىشمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شۇنداقلا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ 20 ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ چېتىشلىقى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان شاڭخەي دېلوسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىنىڭ ئاخىرلىشىپ قلغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ئۆتكەن يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان مەزكۇر چىرىكلىك دېلوسىدا، شاڭخەيدىكى پېنسىيىگە چىققان كىشىلەرنىڭ 400 مىليون دوللار پۇلى بۇلاڭ تالاڭ قىلىنغان.
شاڭخەي شەھىرىنىڭ بۇرۇنقى پارتىيە سېكرىتارى چېن لىياڭيۈ خىتايدا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ چىرىكلىك دېلوسى دەپ ئاتالغان بىر چىرىكلىك ۋەقەسىدىكى رولى پۈپەيلىدىن، ئۆتكەن سىنتەبىر ئىيىدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىنىپ، تۈرمىگەن تاشلانغان ئىدى.
خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەركىزى ھېسابلانغان شاڭخەينىڭ پارتىيە سېكرىتارلىئىق ۋەزىپىسىگە كىمنىڭ تەينلىندىغانلىقى ھەققىدە ئۇزۇندىن بىرى مۇنازىرىلەر ساۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بەزىلەر شاڭخەي شەھەر باشلىقى خەن جېنىڭ بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان ئىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تىجارەتتە لىبېرال كۆز قاراشقا ئىگە بولغان شى جېنپېڭنىڭ سىياسىي جەھەتتىنمۇ نۇرغۇن تەجىربىگە ئىگە ئىكەنلىكى، جېجاڭ ئۆلكىسى پارتىيە سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىدىن بۇرۇن فۇجيەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلىكى بايان قىلىنماقتا. (قانات)