فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل خىتايدا ئېچىلغان ئىككى قۇرۇلتايدىن كىيىن، خىتايدا بىر نەچچە ئۆلكە پارتكوملىرىنىڭ سېكرىتارلىرى ئالماشتۇرۇلغان. لى جىياڭگو شەندۇڭ ئۆلكىسى پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلىنىپ، ھازىر ۋەزىپىدىكى جاڭ گاۋلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن. جاڭ گاۋلى شىمالدىكى پورت شەھىرى تيەنجىنگە سېكرېتار بولۇپ يۆتكەلگەن.
چياڭ ۋەي چىنخەي ئۆلكىسى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلىنىپ، جاۋلېجىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن. جاۋلېجى شەنشىگە يۆتكەلگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 68 مىليون ئەزاغا ئىگە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى، مۇشۇ كۈزدە 17-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى ئاچىدىكەن. ھەر بەش يىلدا بىر ئېچىلىدىغان بۇ يىغىندا، كېرىكى قالمىغان پارتىيە رەھبەرلىرى شاللىنىپ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تېخىمۇ سادىق كىشىلىرى تاللىنىپ سەپلىنىدىكەن.
بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن شى جىنپىڭ شاڭخەينىڭ سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلىنىپ، ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە شاڭخەيدە ئەڭ چوڭ چىرىكلىك دېلوسىغا چېتىشلىقى بار دەپ ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان چېن لياڭيۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن.
لېكىن 1992 - يىلىدىن بېرى، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ سېكرىتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش بىلەن داڭدار. ئۇ 1997 - غۇلجا ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرۇشتا نەتىجىسى ئالاھىدە بولغانلىقى ئۈچۈن 2002 - يىلى خىتاي مەركىزى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. رادىئومىز بەرگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گەرچە ئۇ پارىخورلۇق دىلوسىغا چېتىلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ھېچ يەرگە يوتكەلمىگەن. (ۋەلى)