خۇ جىڭتاۋ APEC يىغىنىدا بۇش بىلەن كۆرۈشىدۇ
2004.11.05
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ بۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى چىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن ئۇچرىشىپ، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار كرىزىسى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. جۈمە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاۋ ۋېنجوڭ، خۇ جىڭتاۋنىڭ 20- ۋە 21 - نويابىر كۈنلىرى چىلى پايتەختى سانتىياگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنى جەريانىدىكى دەم ئېلىش ئارىسىدا، پرېزىدېنت بۇش بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شىن گوفاڭ ، پرېزىدېنت بۇش بىلەن خۇ جىڭتاۋ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مەقسىتى، ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىجابىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش دەپ كۆرسەتتى.
بىراق شىن گوفاڭ ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ نېمىلەرنى سۆزلىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خۇ جىڭتاۋنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتىدىن تەيۋەن مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى توسۇشنى تەلەپ قىلىپ، بۇ مەسىلىنى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىدىكى توسالغۇ دەپ كۆرسىتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. جورجى بۇش يېقىندا رەقىبى جون كەررېينى مەغلۇپ قىلىپ، يەنە بىر قارار پرېزىدېنت بولۇش لاياقىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ ئۇنى تەبرىكلىگەن. سايلامدىن بىر كۈن ئىلگىرى خىتاينىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى چيەن چىچىن » جوڭگو « گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت بۇشنى دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئەركىن )