خۇ جىنتاۋ بىلەن بۇش نيۇ - يوركتا ئۇچرىشىدۇ
2005.09.06
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش، ب د ت باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا نيۇ يوركتا ئۇچرىشىدۇ.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ 6 - سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىغا قىلىدىغان رەسمى زىيارىتى تۇيۇقسىز بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبىرى نيۇ يوكرتا ئۇچرىشىشقا ماقۇل بولغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ سەيشەنبە كۈنى تەكىتلىشىچە، خۇ جىنتاۋ بىلەن بۇش خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى، ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىدىكەن.
ئەسلىدىكى پىلان بويىچە خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىغا قىلىدىغان زىيارىتى 6 - سېنتەبىر كۈنى باشلىنىپ، 7 - سېنتەبىردە پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئاق سارايدا ئۇچراشماقچى ئىدى. ئەمما ئۇلار ئۆتكەن شەنبە كۈنى تېلېفوندا سۆزلەشكەندىن كېيىن خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى بىكار قىلىندى.
تەرەپلەر زىيارەتنىڭ بىكار قىلىنىشىغا ئامېرىكىدىكى قۇيۇن ئاپىتىنى سەۋەپ قىلىپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەرباپلار، تەرەپلەر زىيارەتنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدا كېلىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىگىللىشىمىزچە خىتايلار خۇ جىنتاۋنىڭ سەپىرىنى خىزمەت زىيارىتى ئەمەس دۆلەت زىيارىتى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئانالىزچىلار، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيىنى يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسىدىن باشقا سودا، تېررورىزم، ئېنېرگىيە، قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللار، كىشىلىك ھوقۇق، تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىق بارلىق مەسىلىلىئەردە ئىختىلاپى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىگە ئوخشىمىغان قاراشلار
- خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا سەپىرى كېچىكتۈرۈلدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پرېزىدېنت بۇشنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خۇ جىنتاۋغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- خىتاي ئاق تاشلىق كىتابىدا ئامېرىكىنى تەيۋەنگە قورال ساتماسلىققا ئاگاھلاندۇردى
- خۇ جىنتاۋ، پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئېنېرگىيە ۋە سودا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ