خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىدا بۇش بىلەن ئۇچراشماقچى
2006.03.23
ئاپرىل ئېيىدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 20- ئاپرىل كۈنى ئاق سارايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.
ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى سكوت ماكمىلاننىڭ 22- مارت كۈنى مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، تېررورچىلىق، يادرو قوراللارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە سودا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرىنى تەشكىللەيدىكەن.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۆتكەن يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقچى ئىدى. ئەمما ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن كاترىنا سەل ئاپتى تۈپەيلىدىن بۇ زىيارەتنى كىچىكتۈرگەن.
خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ھارپىسىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى كۆتۈرۈشنى قوبۇل قىلمىسا، خىتايغا قارشى ئىقتىسادىي جازا يولغا قويۇش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى ھەمدە ئامېرىكىدىكى نۇرغۇنلىغان كارخانچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئامېرىكا تاۋارلىرىنىڭ خىتايغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە خىتاي تاۋارلىرىنى تېخىمۇ كۆپ مىقداردا ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى مەقسەتلىك ھالدا تۆۋەن تۇتۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلماقتا.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ ئويۇنى سەۋەبىدىن ئامېرىكىدا مىليونلىغان كىشى ئىشسىز قالغان ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ئۆتكەن يىلى 202 مىليارد دوللارغا يەتكەن. يەنى خىتاي ئامېرىكىغا، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلغىنىدىن 202 مىليارد دوللار كۆپ تاۋار ئېكسپورت قىلغان. (قانات)