خۇ جىنتاۋ بىلەن گومىنداڭ رەئىسى ليەن جەن " تارىخىي خارەكتىرلىك ئۇچرىشىش" ئېلىپ باردى

Lien_Hu_0429.jpg

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن بىلەن تەيۋەندىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە گومىنداڭنىڭ رەئىسى ليەن جەن، جۈمە كۈنى بېيجىڭدا " تارىخىي ئۇچرىشىش" نى ئەمەلگە ئاشۇردى. خۇ جىنتاۋ بىلەن جوڭنەنخەيدە ئۇچراشقان ليەن جەننىڭ زىيارىتى، بېيجىڭ بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەقىللىقىنى مەركەز قىلغان تالاش تارتىش جىددىلەشكەن مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى. ئۇلار جۈمە كۈنى بېيجىڭدا قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. گومىنداڭ - كومپارتىيە قوشما ئاخباراتىدا، " ئىككى پارتىيە تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇشنى ئىككى پارتىيىنىڭ ئورتاق نىشانى، دەپ قارايدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.

تىركىشىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىش، تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش يولىدىكى سۆھبەتنى ئالغا سۈرۈشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىككى پارتىيە قوشما ئاخباراتىدا، تەيۋەننىڭ خەلقئارا پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش يولىدىكى بولۇپمۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا قاتنىشىش يولىدىكى ئارزۇسىغا ياردەمچى بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خۇ جىنتاۋ، ليەن جەن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى " تارىخىي ئۇچرىشىش" دەپ تەرىپلىگەن. ليەن جەن، " بىر جوڭگودا ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىش" پرىنسىپى بويىچە ئورتاق كېلەچەك قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئەمما شۇ كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن ياپونىيىلىك مېھمانلارنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭ بىلەن تەيۋەننى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان كېلىشىم تۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتى ليەن جەننى "دۆلەت تونۇشى قالايمىقان،" دەپ ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)