4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئاق سارايدا پرېزىدېنت بۇش بىلەن كۆرۈشىدىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، ئاق ساراي ئالدىدىكى لافايىت باغچىسىدا ئۇيغۇرلار، تەيۋەنلىكلەر ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئاز دېگەندە نەچچە يۈز كىشىلىك نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بۇ قېتىمقى نامايىشقا تىبەتلەر قاتناشمايدۇ. دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىكى تىبەت مۇساپىرلىرىنى خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزمەسلىككە چاقىردى. لېكىن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل، تىبەتلەرنىڭ نامايىشقا قاتناشمايدىغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خۇ جىنتاۋ - 20 ئاپرىل كۈنى ئاق سارايغا قەدەم قويغاندا ئاق ساراي ئالدىدىكى لافايىت باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 4 سائەتلىك نامايىشقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇرلارنىڭ خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىشىنى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكىدىكى تەيۋەنلىكلەرنىڭ 17 ئاممىۋى تەشكىلاتى نامايىش سەپەرۋەرلىكى ئېلىپ بارغان.
ئۇيغۇرلار نامايىش جەريانىدا سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى توختىتىش ۋە ئۇلارنى قويۇپ بېرىش، پىلانلىق تۇغۇتنى بىكار قىلىش، دىنىي ئەركىنلىككە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلماقچى. تەيۋەنلىكلەر، بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەيۋەن بوغىزىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 800 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.