خۇ جىڭتاۋ دۇنيادىكى ئون چوڭ دىكتاتۇرنىڭ ئۈچىنچىسى ئىكەن


2004.08.29

يېقىندا دۇنيادىكى 10 چوڭ دىكتاتۇرنى باھالاپ چىققان خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ، ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك قەسىرى ، كىشىلىك ھوقۇق كۈزۈتىش تەشكىلاتى , چىگرا ھالقىغان مۇخبىرلار تەشكىلاتى قاتارلىق بىر قانچە خەلقارا تەشكىلات ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋنى دۇنيادىكى ئون چوڭ دىكتاتۇرنىڭ ئۈچۈنچىسى ئېلان قىلدى .

ھازىرغۇچە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى 10 چوڭ دىكتاتۇرنىڭ ئالدىنقى ئۈچىنىڭ ھەممىسى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بولۇپ , ئۇلار شىمالى كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭئىل ، بېرما ھەربى مۇستەبىت ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . خىتاي دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان دۆلەت . خىتاي ھۆكۈمىتى بىر يىلدا ئىجرا قىلىدىغان ئۆلۈم جازاسى ، دۇنيادىكى باشقا بارلىق دۆلەتلەر بىر يىلدا ئىجرا قىلىدىغان ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئومۇمى يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ .

خىتاي ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسى ، دىنىي ئۆكتىچىلەر ۋە مۇستەقىلچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش بىلەن تونۇلغان .خىتايدا ھەر يىلى ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ساندىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىگى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە . خىتاي خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ بىر ۋەكىلى ئۆتكەندە خىتاي بويىچە بىر يىلدا 10 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى پاشقىلغان ئىدى . بىراق بۇ سان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن دەرھال رەت قىلىنغان . ئۆلۈم جازاسىنىڭ دىكتاتۇرلار تىزىملىكىدىكى قالغان مۇستەبىتلەر ، زېمبابۇۋى پرىزدېنتى مۇگابى ، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھسى ئابدۇللا ، سۇدان پرىزدېنتى بەشىر ، تۈركمەنىستان پرىزدېنتى نىيازۇپ ، كۇبا رەھبىرى كاستىرولارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.