خۇ جىنتاۋ بىلەن تەيۋەن ئۆكتىچى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى سۇڭ چۇيۈ كۆرۈشتى
2005.05.12
خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان تەيۋەن خەلقپەرۋەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سۇڭ چۇيۈ پەيشەنبە كۈنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى ۋە دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشتى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇجىنتاۋ سۆھبەتتە، سۇڭ چۇيۈنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەن. ئۇ يەنە، ئەگەر تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن " بىر خىتاي" پرىنسىپىنى قۇبۇل قىلسا، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بىرلىشىشنى ياقىلايدىغان تەيۋەن خەلقپەرۋەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سۇڭ چۇيۈ خىتاينى زىيارەت قىلغاندىن بېرى، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە ھەمدە بېيجىڭنى تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي تەھدىدنى بىكار قىلىپ، ئىقتىسادىي ۋە باشقا تەرەپلەردىن ئالاقىنى كۈچەيتىشكە چاقىرماقتا.
خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەت مەتبۇئاتلىرى سۇڭ چۇيۈنىڭ زىيارىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىز قوغلاپ خەۋەر بەرگەن. سۇڭ چۇيۈ بۇ ئاينىڭ ئىچىدە خىتاينى زىيارەت قىلغان تەيۋەندىكى ئىككىنچى بىر ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ رەھبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇنىڭ ئالدىدا تەيۋەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ليەن جەنمۇ خىتاينى زىيارەت قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ زىيارىتى ئارقىلىق، تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەننى يالغۇز قالدۇرۇش ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلماقتا.
بىراق، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى دەيئەننا فەنسىتېننىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ مۇناسىۋىتى، تەيۋەندىكى ئىككى ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايدىكەن. ئامېرىكا تەيۋەن بوغېزى مۇناسىۋىتىدە يەنىلا مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەيدانى ئىككى قىرغاقنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سوڭ چۇيۈ بېيجىڭدا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئوچۇق رەت قىلدى
- تەيۋەن خەلقپەرۋەرلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى سوڭ چۇيۈ بېيجىڭغا كەلدى
- دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى، سوڭ چۈيۈينى تەيۋەنگە "خىيانەت" قىلىش بىلەن ئەيىپلىدى
- تەيۋەندىكى يەنە بىر ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ رەھبىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى
- چېن شۈيبيەن، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى تەيۋەنگە تەكلىپ قىلدى