خۇ جىنتاۋ ئافرىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى


2006.04.28

دۇنيانىڭ ئەڭ نامرات، لېكىن تەبئىي بايلىقى ئەڭ مول قىتئەسىنى زىيارەت قىلىۋاتقان جوڭگو رەئىسى خۇ جىنتاۋ، جۈمە كۈنى نايروبىدا كېنىيە بىلەن نېفىت -ئېنېرگىيە كېلىشىمى ئىمزالاپ، جوڭگو ھۆكۈمىتى "باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشماسلىقى سىياسىتى" بويىچە ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خۇ جىنتاۋنىڭ بۇنىڭدىن 3 يىل ئىلگىرى ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بېرى ئافرىقا ئەللىرىنى 2- قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئافرىقا ئاخىرقى 5 يىل ئىچىدە خىتاي ماللىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان مۇھىم بازار بولۇپ قالدى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ 2005 - يىلدىكى سودا ھەجىمى 40 مىليارد دوللارغا يەتتى. خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى پائالىيىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، مەزكۇر كوممۇنىستىك دۆلەتنىڭ ئافرىقىدىكى ئىقتىسادى تەسىر كۈچى زورىيىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ زىمبابۇۋىگە ئوخشاش ئىستىبدات ئەللەرنى، دارفۇر رايونىدا "ئېتنىك تازىلاش" ئېلىپ باردى، دەپ ئەيىپلەنگەن سۇدانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنى قوللاۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە.

خۇ جىنتاۋ جۈمە كۈنى كېنىيە پرېزىدېنتى مۋاي كېباكى بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا " بىزنىڭ ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان ئالاقىمىز ئافرىقا ئەللىرىنىڭ سىياسى مودىلىغا ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپى بويىچە ئېلىپ بېرىماقتا،" دېدى.

كىنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان پرېزىدېنت مۋاي كېباكى، جوڭگو بىلەن يېقىنلىشىشكە رازى بولغان. ئۇ، " ئافرىنىڭ جوڭگو بىلەن سودا قىلىشىغا ھېچقانداق توسالغۇ يوق،" دەيدۇ.

خۇ جىنتاۋ كىنىيىگە پەيشەنبە كۈنى كەچ سائەتلەردە كەلدى. ئۇنىڭ بۇ يەردە 3 كۈن داۋام قىلىدىغان زىيارىتى ئامېرىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان، ماراكەش، نېگىرىيە قاتارلىق ئەللەردە ئېلىپ بارغان ۋە "ستراتېگىيىلىك شېرىك" تېپىش يولىدىكى بۇ سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتىدۇر. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.