خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بارغانلىقىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى 5 كۈندىن كېيىن خەۋەر قىلدى


2006.09.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 6 ‏- سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا خىزمەت تەكشۈرۈش ئۈچۈن بارغانلىقىنى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى 11 ‏- سېنتەبىر كۈنى، يەنى 5 كۈن ئۆتكەندە خەۋەر قىلدى. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدە خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ ئاساسەن مايتاغدىكى مىليون توننىلىق نېفىت ئايرىش خېمىيە زاۋۇتى، خىتاي-قازاقستان نېفىت تۇرۇبىسى پونكىتى، بىڭتۇەن 14 ‏- دېۋىزىيە قاتارلىق نوقتىلىق ئورۇنلارنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ، ئۇلارغا غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىدىكى ھەممە قىممەتلىك پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنى تەكىتلىگەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.