خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 6 - سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا خىزمەت تەكشۈرۈش ئۈچۈن بارغانلىقىنى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى 11 - سېنتەبىر كۈنى، يەنى 5 كۈن ئۆتكەندە خەۋەر قىلدى. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدە خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ ئاساسەن مايتاغدىكى مىليون توننىلىق نېفىت ئايرىش خېمىيە زاۋۇتى، خىتاي-قازاقستان نېفىت تۇرۇبىسى پونكىتى، بىڭتۇەن 14 - دېۋىزىيە قاتارلىق نوقتىلىق ئورۇنلارنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ، ئۇلارغا غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىدىكى ھەممە قىممەتلىك پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنى تەكىتلىگەن. (ۋەلى)