خۇجىنتاۋ خىتايدا خەلقنىڭ داۋالىش چىقىمىنى ھۆكۈمەت كۆتۈرىدىغان تۈزۈم تىكلەشنى تەكىتلىگەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ 25 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى بازار ئىگىلىكى سىياسىتىدە، دېڭ شاۋپىڭغا ئوخشىمايدىغان سىياسەت قوللۇنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ مەركىزى كومىتېتنىڭ ئۈگۈنۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە 'خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاش ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ نىشانىسى. ھۆكۈمەت شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈم تىكلەپ، ئاممىنى بىخەتەر، ئۈنۈملىك، قولايلىق ۋە ئەرزان داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش لازم' دېگەن.

خىتاي ساقلىقىنى ساقلاش مىنىسىتىرلىكىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا شەھەر ئاھالىلىرى 20% نى تەشكىل قىلىدۇ، نۇپۇسنىڭ قالغان 80% ى پۈتۈنلەي يېزا ئاھالىسى. خىتايدا 1980 ‏- يىللاردا بازار ئىگىلكى سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە دورا بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتى ناچار، باھاسى قىممەت بولۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭغا خەلق ئىزچىل نارازى نارازى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. يېزىلاردا 3 تەن بىر قىسىم ئادەم داۋالاش پۇلىنى تۆلەش ئىقىتىدارىغا ئىگە ئەمەس. شۇڭلاشقا خەلق داۋالىنالماي، ھەتتا دوختۇرخانىلارنىڭ ئىشىكىدىن كىرەلمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان ھادىسىلە كۈپ يۈز بېرىپ كەلمەكتە. (ۋەلى)