خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بىلەن كۆرۈشمەكچى
2006.11.07
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ۋە ياپونىيە باش مىنىستېرى شىنزو ئابې بىلەن 11 - ئايدا ئېچىلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنى جەريانىدا، ئايرىم - ئايرىم ھالدا سۆھبەتتە بولماقچى ئىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈن "بۇ قېتىم ۋېيتنامدا ئېچىلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنى جەريانىدا، ئۇلار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر ۋە شۇنداقلا رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەتتە بولىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن. (مېھرىبان)
©
2006 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇجىنتاۋ خىتايدا خەلقنىڭ داۋالىش چىقىمىنى ھۆكۈمەت كۆتۈرىدىغان تۈزۈم تىكلەشنى تەكىتلىگەن
- خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بارغانلىقىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى 5 كۈندىن كېيىن خەۋەر قىلدى
- بۇش ۋە خۇ جىنتاۋ كورىيە يادرو قوراللىرى تەھدىتى مەسىلىسى ئۈستىدە تېلېفۇن سۆھبىتى ئېلىپ باردى
- خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، خىتايدا دېموكراتىيە ۋە دېموكراتىك سايلام يولغا قائويۇشقا چاقىردى