خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ۋە ياپونىيە باش مىنىستېرى شىنزو ئابې بىلەن 11 - ئايدا ئېچىلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنى جەريانىدا، ئايرىم - ئايرىم ھالدا سۆھبەتتە بولماقچى ئىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈن "بۇ قېتىم ۋېيتنامدا ئېچىلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنى جەريانىدا، ئۇلار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر ۋە شۇنداقلا رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەتتە بولىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن. (مېھرىبان)