خۇ جىنتاۋ ئۆزىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللانماقتا
2006.12.06
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ 6 - دېكابىر كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ يېقىندا تىبەتنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى خۇ چۇنخۇانى بېيجىڭغا يۆتكەپ كېلىپ، مەركىزى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا بەلگىلىگەن.
خۇ چۇنخۇانىڭ تەرجىمىھالىغا قارىغاندا، بۇ ئەرباب 1983 - يىلى تىبەتكە كېلىپ خىزمەتكە كىرگەن. ئۇ لاسا شەھىرىدىكى مەلۇم بىر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مېھمانخانىدا ئىشلەپ يۈرۈپ، 83 - يىلىدىن 87 - يىلىغىچە شۇ مېھمانخانىنىڭ مودىرلىقىغا بەلگىلەنگەن؛ 2003 - يىلى ئۇ توساتتىنلا تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارلىقىغا بەلگىلەنگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى بەزى مۇلاھىزىچىلەر بۇنى 'خۇ جىنتاۋ يېقىندا ئۆزىنىڭ چىش - تىرناقلىرىدىن بىرىنى مەركىزى ياشلار ئىتتىپاقىغا يۆتكەپ كەلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغىمۇ ئۆزىنىڭ خۇ فامىلىلىك يېقىنىدىن بىرنى كىرگۈزدى. ئۇ ھازىر 2007 - يىلى ئېچىلىدىغان كوممۇنستىك پارتىيىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئاساسى بولغان مەركىزى ياشلار ئىتىتپاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا. دۇ چىڭلىن، لى كېچياڭ قاتارلىق ئەربابلارنىڭ قايتا-قايتا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىۋاتقانلىقىمۇ، خۇ جىنتاۋنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى كۈچەيتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى' دەپ قارىماقتا. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي بىلەن پاكىستان ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى
- خۇ جىنتاۋغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بىر تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويۇش بىلەن بىرگە، خىتاي بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى
- خۇ جىنتاۋنىڭ ھىندىستان زىيارىتى تىئىبەتلىكلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىق ھەرىكىتى بىلەن قارشىلاشتى
- خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بىلەن كۆرۈشمەكچى
- خۇجىنتاۋ خىتايدا خەلقنىڭ داۋالىش چىقىمىنى ھۆكۈمەت كۆتۈرىدىغان تۈزۈم تىكلەشنى تەكىتلىگەن