خۇ جىنتاۋ پۈتۈن يەر شارى بۇيىچە 4 ‏- چوڭ مۈستەبىت دەپ ئاتالدى

ئامېرىكىنىڭ "كۆزىتىش" مەجمۇئەسى، پەيشەنبە كۈنى دۇنيادىكى 10 چوڭ مۇستەبىت ھەققىدە توختۇلۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى، سۇدان رەھبىرى ئۆمەر ئەل باشىر، ئىككىنچىسى، شىمالىي كورىيە رەئىسى كىميۇڭئىل، ئۈچىنچىسى، ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ھۇمەينىي، تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مۈستەبىتنىڭ بولسا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

" كۆزىتىش " مەجمۇئەسى يەنە، پۈتۈن يەر شارى بۇيىچە 70 دۆلەتنىڭ مۈستەبىتلەر تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تۆتىنچى ئورۇندىكى مۈستەبىت دەپ ئاتىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك خاتىرىسى بولۇپ، خىتايدا مەھبۇسلارنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالاش، پىلانلىق تۇغۇت، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش، دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش، سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى چەكلەش قاتارلىق 22 خىل تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقى ئېغىر دەرىجىدە ئاياق ئاستى قىلىنماقتا.

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارغا قارىتا مىللەتنى يوق قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 22 خىل ھەق - ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئاساسلىق ئۇلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. (ئەقىدە)