تەخمىنەن بىر ئەسىر ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدە بولغان خوڭكوڭنىڭ خىتاي كونتروللۇقىغا ئۆتكەنلىكىگە بۇ يىل 10 يىل توشتى. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خوڭكوڭنىڭ خىتاي قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش داغدۇغىلىق مۇراسىمىغا خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ، ۋېن جاباۋ ھەم زېڭ چىڭخوڭ قاتارلىقلار قاتنىشىدىكەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، خۇ جىنتاۋ بۇ يىل 6-ئاينىڭ 28-كۇنى خوڭكوڭغا يېتىپ كېلىپ، 1-ئىيۇل كۈنى خوڭكوڭنىڭ يېڭى ۋالىسى ۋە مەمۇرىيىتىنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن ھەمدە خوڭ كوڭ پۇقرالىرىنى يوقلايدىكەن. ئۇ خوڭكوڭدا تەخمىنەن 4 كۈن ئەتراپىدا بولىدىكەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك تەرەققىياتىنى تەلەپ قىلىدىغان دېموكراتىك تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلار ھەر يىلى 1-ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزىدىغان نامايىشىنى بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق خۇ جىنتاۋنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازلىرىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىگانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك تەشكىلاتلار 2003-يىلى بىرىنچى ئىيۇل كۈنى 500 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىدىكى بەزى ماددىلارغا ھەمدە سارىس كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ناتوغرا ھەل قىلىش تەدبىرلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك تەشكىلات دائىم نامايىش ئۇيۇشۇتۇرۇپ، خىتاينى دېموكراتىيىلىشىشكە چاقىرىپ، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيىگە قارشى قىلمىشلارنى تەند قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
تۇنجى قېتىم 1997-يىلى 1-ئىيۇلدا خىتاي رەئىسى جاڭ زېمىن ۋە باش مىنىستىر لى پېڭ خوڭكوڭغا كېلىپ، ئەنگلىينىڭ خوڭكوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تاپشۇرۇش ھەمدە يېڭى خوڭكوڭ ۋالىسى ۋە مەمۇرىيىتىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىدى.(ئۈمىدۋار)