خۇ جىنتاۋغا چەنلۇڭ غوجامنىڭ جىنى چاپلىشىپتۇ
2006.04.12
خۇجىتاۋنىڭ ئامېرىكا سەپىرى مۇلاھىزىلەرنى قوزغىماقتا
خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ يېقىندا 5 دۆلەتنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ تۇنجى سەپىرى ئامېرىكا. ئۇنىڭدىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ سەئۇدى ئەرەبىستانى، ماراكەش، نىگىرىيە، ۋە كېنىينى زىيارەت قىلىدۇ. ھازىر رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ 5 دۆلەت زىيارىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا، خەلئارادا ھەرخىل ئۇچۇر ۋاستىلىرى خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلشقا باشلىدى. شۇ قاتاردا، 'خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقىغا ئوت ياقايلى' دېگەن ئوبزورنى يېزىپ ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن بېجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان، ھازىر بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان ئەركىن مۇلاھىزىچى جياۋ گوبياۋ ئەپەندى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ھەققىدە بىر ئوبزور يېزىپ 'يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى'نىڭ 4 ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلدى.
چەنلۇڭ ۋاقتىكى ئىشلار
جياۋ گوبياۋ ئەپەندى"خۇ جىنتاۋغا چەنلۇڭ غوجامنىڭ جىنى چاپلىشىپتۇ' دېگەن ئوبزورىنى مۇنداق باشلايدۇ: كىتابلاردا راۋايەت قىلىنىشىچە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چەنلۇڭ پادىشاسى دەۋرىدە، غەرب دۆلەتلىرىدىن خىتاي بىلەن سودا قىلىش ئۈچۈن ئەلچى كەلسە، تىجارەت دېگەن گەرچە ھەر ئىككى تەرەپكە پايدا يەتكۈزىدىغان ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئەلچىلەر چەنلۇڭ غوجامغا تازىم قىلمىسا، ئۇنى خىتاي بىلەن تىجارەت قىلغۇزمايدىكەن. چەنلۇڭ غوجام 'خىتايدا بىزگە ھېچنىمە كام ئەمەس، سېنىڭ ماڭا ھاجىتىڭ چۈشكەندىكىن، سەن ماڭا تازىم قىلىشىڭ كېرەك' دەيدىكەن. شۇ زاماندا، گەرچە بېيجىڭدىكى قىزىل تاملىق ئوردىنىڭ سىرتىدا ئاچارچىلىق يۈز بىرىپ، چاچقانلار خىش غاجىلاشقا، ئىتلار بىر-بىرىنى تالاپ يېيىشكە، ئادەملەرمۇ بىرى- بىرىنى چاينىۋىتىشكە يۈزلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭدىكى قىزىل ئوردىنىڭ ئىچىدە راستىنلا ھېچنىمە كام ئەمەس ئىدى. مىنىڭ ئېنىقلىشىمچە، -- دەيدۇ جياۋ گوبياۋ ئەپەندى، --- شۇ زاماندا بېيجىڭدىكى قىزىل ئوردىنىڭ ئىچى باياشاتچىلىق ئىدى. ئەگەر ئوردىدا ئاشلىق كاملىسا، ئەمەلدارلار پۇقرالارنى تۇتۇپ يەپ كېتىۋىرەتتى. خىتايدا ئادەم كۆپ، ئۇلار ئۈچۈن تۈگىمەس ئوزۇق بار . خىتايدىكى 40 مىليون ئادەم، ئوردىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ يېيىشىگە ئاز دېگەندە 40 مىڭ كۈن يىتەتتى. 'چەنلۇڭ غوجامنىڭ قوسىقى توق، خەلق بىلەن كارى يوق' دېگەن گەپ شۇ چاغدا چىققان.
خۇجىتاۋنىڭ پوزىتسىيسىدىكى ئوخشاشلىقلار
مىنىڭ كۆزىتىشىمچە، --- دەيدۇ جياۋ گوبياۋ ئەپەندى ماقالىسىدە ، ---- رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ 'ئەگەر ياپونىيە رەھبەرلىرى ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىشنى توختاتمىسا، بىز ئۇلار بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت ئېلىپ بارمايمىز' دېگىنىدىن قارىغاندا، شۇنداقلا خۇ جىنتاۋنىڭ يەنە تەيۋەن رەھبەرلىرى 'بىر جۇڭگو' دېمىسە، دالاي لاما ۋە باشقىلار 'مۇستەقىللىق' دېگەننى تاشلىمىسا، بىز ئۇلار بىلەن سۆزلەشمەيمىز، ئۇچراشمايمىز، ۋاھاكازا دەۋاتقىنىدىن قارىغاندا، زامانىمىزدىكى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا بۇرۇنقى زاماندىكى چەنلۇڭ غوجامنىڭ جىنى چاپلىشىپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، -- دەيدۇ جاۋ گوبياۋ ئەپەندى، --- چەنلۇڭ غوجام شۇ زاماندا 'ئەگەر بىز ئەنگىلىيىلىكلەرگە چاي سېتىپ بەرمىسەك، ئۇلار چاي ئىچمەي سەمىرىپ كېتىپ ئۆلۈپ تۈگەيدۇ' دېگەن گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالغان ئىكەن.
ھازىرقى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرۇنقى خىتاي سۇلالىلىرىگە ئوخشاش ئىش تۇتىشى
مىنىڭ قارىشىمچە، -- دەيدۇ جياۋ گوبياۋ ئەپەندى، --- ئەگەر ياپونىيە تەرەپ خىتاي ھۆكۈمىتى بىر پارتىيىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنى ئۆزگەرتمىسە، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيمىز، دەپ شەرت قويغان بولسا، خۇ جىنتاۋ ئۇنىڭغا كۆجە كۆيدۈرۈپ تازىم قىلىپ، ھەشقاللا دېسە توغرا بولاتتى. چۈنكى ياپونىيە رەھبەرلىرى خەلق ئاۋاز بىرىپ سايلام چىققان كىشىلەر، ئۇلار خۇ جىنتاۋدەك يالغان -ناچار مال ئەمەس. خۇ جىنتاۋ راستىنلا ھازىر خۇددى خىتاي رېۋايەتلىرىدىكى 'ئۆزىنى چاغلىماي شىلتىڭ ئاتىدىغان شەيتان'غا ئوخشاپ قالغان، --- دەيدۇ جياۋ گوبياۋ ئەپەندى، --- مەن 3 - ئايدا ياپونىيىنى زىيارەت قىلغاندا، ياپونىيىنىڭ بىر ئەمەلدارى مەندىن "سىلەرنىڭ جۇڭگو رەھبەرلىرىدە بۇرۇنقى 'بۈيۈك جۇڭخۇا تەكەببۇرلىقى' تېخىچە بارمۇ قانداق؟ " دەپ سورىدى. ئۇ تارىختىكى خىتاي سۇلالىرىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە زوراۋانلىق قىلغان، ئۇلارنى تارتۇق بىرىشكە مەجبۇرلىغان 'خىتاي تەكەببۇرلىقى'نى دەۋاتاتقانلىقىنى چۈشىنىمەن. دەرۋەقە، تارىختا خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە قىلغان ئەسكىلىكى ئاز ئەمەس. زامانىمىزدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ، خۇددى بۇرۇنقى غوجاملاردەك، ھازىرقى ياپونىيىگە ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلماسلىق كېرەك دېگەندەك شەرتنى قويغاچقا، ياپونىيە رەھبەرلىرى بۇ جەھەتتە خىتايغا بولغان قارشىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بولسىمۇ، ياسۇكۇنىغا تاۋاپ قىلىشنى توختاتمىغان، --- دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ جاۋ گوبياۋ ئەپەندى، --- شۇنى بىلىشى كېرەككى، ھازىر شەرقىي ئاسىيادا، خۇ جىنتاۋ ئۆزى ھەممە ئادەم چۇقۇنىدىغان بۇت ئەمەس. ياپونىيىمۇ شۇ زاماندىكى بۇت بېشىنى قاتۇرالايدىغان مايمۇن ئەمەس. خۇ جىنتاۋ گەرچە ھازىر خىتايدا خەلقىنىڭ بېشىغا مۇشلىيالىغان بىلەن، ياپون خەلقىنىڭ ۋە ياكى باشقىلارنىڭ بېشىغا تاك ئىتىپ چىكىمەن دەپ ئويلىمىسۇن. ياپونىيە تارىختا چىرىپ كەتكەن چىڭ سۇلالىسىنى يەنجىپ تاشلىغان دۆلەت. كېيىنمۇ، چىرىپ كەتكەن مىنگو ھۆكۈمىتىنىمۇ مەغلۇپ قىلغان . چىرىپ كەتكەن ھۆكۈمەت ھامان ئاجىز بولىدۇ.
خۇجىنتاۋنىڭ بۇ خىل ياخشى ئۆتمەسلىك پوزىتسىيسى يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن
ئەنگىلىيىلىكلەردە 'ياۋا كالا يىقىلسا، تەرەپ -تەرەپتىن قولىدا پالتا- قىڭراق تۇتقان كىشىلەر كېلىدۇ' دەيدىغان بىر تەمسىل بار، --- دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ جياۋ گوبياۋ ئەپەندى، --- ئەگەر خۇ جىنتاۋ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ياخشى ئۆتمەي، خۇددى چەنلۇڭ غوجامنى دوراپ قاملاشمىغان شەرتلەرنى قويۇپ، ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرىمەن دېسە، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىراقلا غەزەپكە كېلىپ مۇش ئاتقىلى تۇرسا، خىتاي مۇش يەپ چىشلىرى تۈكۈلۈپ بولغاندا ئاندىن ھۇشىنى تېپىشى مۇمكىن. ---دەيدۇ جياۋ گوبياۋ ئەپەندى، --- خۇ جىنتاۋ ھازىرچە شۇنى ئېنىق بىلىشى كېرەككى، ياپونىيە خىتايغا قارام دۆلەت ئەمەس، چېن شۇيبيەن، دالاي لاما ۋە باشقىلارمۇ خىتاينىڭ ھامىيسى ئەمەس. بېيجىڭدىكى بەش يۇلتۇزلۇق مىھمانخانىلارنىڭ ھەممىسى خۇجىنتاۋنىڭلا ئەمەس، ئۇلار خىتايغا خۇ جىنتاۋدىن سورىمايمۇ كېلەلەيدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى ھارپىسىدا ئامېرىكىدىكى خىتايغا قارشى تەشكىلاتلار نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرمەكتە
- خىتاي ئامېرىكىدىن 80 دانە بويىڭ ئايرۇپىلانى سېتىۋېلىشقا كېلىشتى
- پرېزىدېنت بۇش سودا مەسىلىسىنى جۇڭگو - ئامېرىكا باشلىقلار سۆھبىتىدىكى مۇھىم تېما دېدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ياڭ جيەنلىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغان قارار ماقۇللىدى
- ۋۇ يى ئامېرىكا بىلەن سودا ھەمكارلىق توختىمى تۈزمەكچى