خوڭكوڭ مۇتەخەسسىسلىرى: خۇ جىنتاۋنىڭ چىرىكلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن قوللانغان كەسكىن تەدبىرى يوق


2006.06.30

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۇلتۇر خىتايدا مىنىستىر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8490 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن 2000 نەپىرى سوتقا تارتىلغان ئىكەن. يېقىندا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى ھارپىسىدا، خىتاينىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ تېلېۋىزىيە نۇتقى ئېلان قىلىپ چىرىكلىكنى تۈگىتىشنى تەكىتلىگەن.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خوڭكوڭ پەن-تېخنىكا ئۇنېۋىرسىتېتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى دىڭ شۆلياڭ " خۇ جىنتاۋنىڭ ، پارتىيە ئەزالىرى چىرىك مەدەنىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇلغا چۇقۇنۇش ۋە رەھەتپەرەسلىككە ئاڭلىق ھالدا قارشى تۇرۇشى كېرەك دەپ تەكىتلىگەنلىكىدىن قارىغاندا، خۇ جىنتاۋ چىرىكلىككە قارىتا كەسكىن ھالدا قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى ئويلىمىغان. سىنگاپور شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئىنىتىتوتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ليۇ جىژخۇانىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر خىتاي ئەمەلدارلىرى خۇ جىنتاۋنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دېگەن گېپىنى چۈشەنمەيدۇ، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا خۇ جىنتاۋ ئۈچۈن بىر مەسخىرە. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.