دالاي لاما خۇ جىنتاۋ بىلەن بىرلا چاغدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدۇ

0:00 / 0:00

خۇجىنتاۋ ۋە دالاي لامانىڭ ئامېرىكىغا بولغان زىيارەتلىرى بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تۇنجى قېتىم ئاق ساراينى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان تېمىلار بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان بىر پەيتتە، تـىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇش ھۆكۈمىتى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا ۋە تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشكە قىستىماقتا.

دالاي لامانىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى كاتې سائۇندېرسنىڭ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، دالاي لاما جۈمە كۈنى سان- فرانسىسكوغا كېلىپ بۇ يەردىكى تىبەت مۇساپىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى جەنۇبى ئامېرىكىدا باشلىنىدىغان ئىككى ھەپتىلىك دىنلار ئارا دىئالوگ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يۈرۈپ كېتىدىكەن. دالاي لامانىڭ 14- ئاپرىل كۈنى سان - فرانسىسكوغا كېلىشى بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 18 - ئاپرىل كۈنى سياتىل شەھىرىدىن باشلىنىدىغان ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئوخشاش بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەنلىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت قوزغىماقتا. (كاتې سائۇندېرس)

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى كاتې سائۇندېرسنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دالاي لاما جەنۇيى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى ھەپتىلىك خەلقئارا دىنىي ئېتىقادلار ئارا دىئالوگ يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، سان - فرانسىسكودىكى تىبەتلىك مۇساپىرلارنى يوقلايدىكەن. جەنۇبىي ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا دىنلار ئارا دىئالوگ يىغىنى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى باشلىنىدۇ. لېكىن خۇ جىنتاۋ 18 - ئاپرىلدا سىياتىلغا يېتىپ كېلىپ، 20 - ئاپرىل كۈنى ۋاشىنگتوندا پرېزىدېنت بۇش بىلەن تارىخىي خاراكتېرلىك سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. (كاتې سائۇندېرس) لېكىن كاتې سائۇندېرس، " دالاي لاما بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئامېرىكىدا پەيدا بولۇشى ئىلگىرى يۈز بېرىپ باقمىغان ئەھۋال ئەمەس " دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خۇ جىنتاۋ ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا ب د ت نىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن چاغدا دالاي لاما ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقتا ئىكەن. لېكىن دالاي لاما بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىم بىرلا ۋاقىتتا ئامېرىكىدا پەيدا بولۇشى، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا دالاي لامانىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇش مۈمكىنچىلىكى ئۈستىدە توختالغاندىن كېيىن يۈز بەردى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت بىشارىتى ۋە شەرتلىرى

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ تىبەت روھانى داھىسىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەندىن كېيىن، تىبەت مەسىلىسى ئامېرىكا - خىتاي باشلىقلار سۆھبىتىنىڭ تېمىسى بولۇپ قالىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشكەن بولدى. لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دالاي لاما تىبەت مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كەچكەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ‏(كاتې سائۇندېرس) پرېزىدېنت بۇشنىڭ خۇ جىنتاۋغا " دالاي لامانىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، بېيجىڭ بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز " دەپ تەكىتلىگەن كاتې سائۇندېرس، " پرېزىدېنت بۇش دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىشقا تەشنا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى تىبەت خەلقىنىڭ تەقدىرى " دەيدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدىكى قارىشى

پرېزىدېنت بۇش 2005 - يىلى 11- ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن دالاي لامانى ئاق سارايدا قوبۇل قىلغان ۋە خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشقاندا خىتاي رەھبەرلىرىنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ۋە ئۇنى خىتايغا تەكلىپ قىلىشقا ئۈندىگەن شۇنداقلا دالاي لامانىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، يېقىندا ۋاشىنگتوندىكى ئەركىنلىك سارىيىدا سۆزلىگەن بىر نۇتۇقىدا،خۇ جىنتاۋ بىلەن ئىككى دۆلەت سودا مۇناسىۋىتى، تەيۋەن، شىمالىي كورىيە ۋە يادرو قوراللار مەسىلىسىنى سۆزلىشىش بىلەن بىرگە، دىنىي ئەركىنلىك ۋە تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. (جورجى بۇش) پرېزىدېنت بۇش، شۇ قېتىمقى نۇتۇقىدا خۇ جىنتاۋنى "ئەركىن بازاردىن قورقمىغانغا ئوخشاشلا ئەركىن جەمئىيەتتىنمۇ قورقماسلىققا " چاقىرغان. دالاي لاما بۇ يىل 3- ئايدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە جۇڭگونى زىيارەت قىلىش تەكلىپى قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگودىكى بۇددا تاۋاپگاھلىرىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى. دالاي لامانىڭ تەكلىپىگە يېقىندا خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى يېي شياۋۋېن جاۋاپ قايتۇرغان. ئۇ، "ئەگەر دالاي لاما تىبەت مۇستەقىللىقىنى قوغلىشىشتىن ئۈزۈل - كېسىل ۋاز كەچسە، ئۇنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى ئويلۇشۇپ كۆرۈشكە بولىدۇ " دەيدۇ. ( ليۇ شاۋجۇ)

جۇڭگو ھۆكۈمىتى تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە «كىشىنى ئېلھاملاندۇرىدىغان» بىشارەتلىرى

ئامېرىكىدا قۇرۇلغان جۇڭگو ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىدىكى ليۇ شياۋجۇ، يېي شياۋۋېننىڭ سۆزلىرىنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاما بىلەن يارىشىشقا ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ۋە كىشىنى "ئىلھاملاندۇرىدىغان بىشارەت" دەپ باھا بەرمەكتە. بۇ ئەھۋالدا دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پوزىتسىيىسىنى يۇمشۇتۇشقا باشلىدى. تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى تىبەت مۇساپىرلىرىغا تارقاتقان بىر ئۇقتۇرۇشىدا، " جۇڭگو دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ پات يېقىندا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقچى. زىيارەت جەريانىدا تىبەت مۇساپىرلىرى ۋە تىبەت مەسىلىسىنى قوللىغۇچىلارنىڭ نامايىش قىلماسلىقىنى، خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتىگە ئوڭۇشسىزلىق يارىتىپ بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلىمىز " دېيىلگەن. خۇ جىنتاۋ، ۋاشىنگتونغا قەدەم قويغاندا ئۇنىڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇش بىشارىتىنى بېرىۋاتقان بىر چاغدا، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى يىرىكلەشتۈرۈۋېتىشتىن ئېھتىيات قىلغان بولۇشى مۈمكىن. (نۇرى تۈركەل) لېكىن نۇرى تۈركەل، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈش پىلانىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (نۇرى تۈركەل).

تىبەت مەسىلىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بۇ توغرىسىكى ئۈمۈدلەر

1959 - يىلدىكى تىبەت قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغان بۇيان ، سۈرگۈن ھاياتىدا ياشاپ كېلىۋاتقان دالاي لاما، تىبەت مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كېچىپ ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانغا 10 يىل بولۇپ قالدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت رايونىدىكى ئىشغالىيىتىنى تىبەتنى ئازات قىلىش ۋە تىبەت خەلقىنى فېئودالىزىمنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۈش ھەرىكىتى، دەپ چۈشەندۈرمەكتە. خۇ جىنتاۋ، ئىلگىرى خېلى ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە تىبەت ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى بولۇش سۈپىتى بىلەن رايوننى ھەربىي قانۇن - تۈزۈملەر بىلەن ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىپ، مىڭلىغان تىبەتلىكنىڭ، راھىبە ۋە راھىبلارنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. لېكىن خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى كاتې سائۇندېرس، " يېي شياۋۋېننىڭ باياناتى جۇڭگو دالاي لامانىڭ زىيارەت مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ، "دەيدۇ. " ئۇ جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋر رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ نەرسىلەرنىڭ تىبەت مەسىلىسىدە ئۇنىڭدىن قالغان بىردىن ‏- بىر مىراس بولۇپ قېلىشىنى خالىماسلىقى مۈمكىن " دەپ تەكىتلىگەن سائۇندېرس، خۇ جىنتاۋنىڭ تىبەتكە رەھبەرلىك قىلغان يىللاردا يولغا قويغان سىياسىتىنى ئىما قىلىپ، " بىز خۇ جىنتاۋ ئەپەندىنىڭ شۇنى ئېسىدە تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، تىبەت مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىش تىبەتنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، جۇڭگونىڭ كېلەچىكى ئۈچۈنمۇ چوڭقۇر ۋە ئىجابىي رول ئوينايدۇ " دېدى.