خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ خىتاي كوممونىست پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 85 يىلىئىقىنىڭ ھارپىسىدا بەرگەن باياناتىدا، خىتايدا دېموكراتىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ بۇ سۆزلەرنى 29- ئىيۇن كۈنى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ يېغىنىدا بەرگەن باياناتىدا سۆزلىگەن. خۇجىنتاۋ باياناتىدا، بىز ئىلغار ۋە مۇكەممەل بىر دېموكراتىك سىئىستېمە قۇرۇپ چىقىپ، قانۇنلارغا مۇۋاپىق ھالدا دېموكراتىك سايلاملار ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، دېگەن.
سۆزىدە، دېموكراتىيىنىڭ " ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىر ماركسست پارتيىنىڭ ئاساسلىق تەلىبى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، پارتىيە ئىچىكى دېموكراتىيىنى كېڭەيتىشكە چاقىردى.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان خۇ جىنتاۋ نىڭ، ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە چىرىكلىككە ئارىلاشقان نەچچىلىگەن پارتىيە باشلىقلىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، خىتاي ئارمىيىسىدە توققۇز ئالىي دەرىجىلىك گېنىرالنىڭ مەنسىپىنى ئۈستۈرگەندىن كېيىن خىتايدا دېموكراتىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا بەرگەنلىكىگە دىققەت تارتماقتا.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، 2002- يىلى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىگە سايلىنىپ 2003- يىلى دۆلەت رەئىسى ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان خۇ جىنتاۋ ھاكىمىيەتتىكى ئورنىنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، ئەمدى ئۆزىنىڭ سىياسىي پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا. (قانات)