خۇجىنتاۋنىڭ ھىندىستان زىيارىتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدە


2006.11.22

'ب ب س' نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇجىنتاۋ 4 كۈنلۈك ھىنىدىستان زىيارىتىنىڭ 3 ‏- كۈنىدە، يەنى 22 ‏- نويابىر كۈنى، ھىنىدىستاننىڭ پەن -ئىلىم سارىيىنى زىيارەت قىلغان. خۇجىنتاۋ ھىندىستان پەن-ئىلىم سارىيىدا قىلغان سۆزىدە، گەرچە خىتاينىڭ ھىنىدىستاننى مۇھاسىرىگە ئېلىش نىيىتى يوقلىقىنى، ھىنىدستاننىڭ تەرەققىياتىغا ھەرگىز توسالغۇ بولمايدىغانلىقى بايان قىلىش ئارقىلىق، يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتىنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنگە قەدەر خىتاي -ھىنىدستان چېگرا سۆھبىتىدە تېخى ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنمىغان. يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى 'ھىنىدىستاننىڭ كەشمىردىكى 38 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زىمىنىنى ئىگەللىۋالغان' دېگەن سۆزىدىن يانمىغان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتىمۇ يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتىنى 'خىتاينىڭ ئارۇناچال پرادېشتىكى 90 مىڭ كۋادراد مېتىر زىمىنىنى ئىگەللىۋالغان' دېگەن سۆزىدىن يانمىغان.

خەۋەردە بايان قلىنىشىچە، خىتاي-ھىنىدستان ئوتتۇرىسىدا گەرچە چېگرا مەسىلىسى يەنىلا قاتمال ھالەتتە تۇرسىمۇ، ئەمما خىتاي -ھىنىدستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقتارى بۇيىل 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئۇلار يەنە 2010 ‏- يىلىغىچە 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈشنى نىشانلىماقتا.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خۇجىنتاۋ 23 ‏- نويابىر كۈنى ئىسلامئاباد قا بېرىپ پاكىستاننى زىيارەت قىلىشقا باشلايدۇ. خىتاي مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، خۇجىنتاۋ ئامېرىكا -ھىنىدىستان ئوتتۇرىسىدا بۇيىل 3 ‏- ئايدا تۈزۈلگەن يادرو تېخنىكىسىدىن ئورتاق پايدىلىنىش كېلىشىمىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بۇ قېتىم پاكىستان بىلەن خىتاي- پاكىستان يادرولۇق ئىنىرگىيە ھەمكارلىق كېلىشىمىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.