جوڭگۇ ھۆكۈمەت رەئىسى خۇجىنتاۋ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە

0:00 / 0:00

53 نەپەر چەتئەللىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئادۋوكات ۋە ئاكادىمىكلار بىرلىكتە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئوچۇق خەت يېزىپ،ئۇنىڭدىن خىتايدا كۈنسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى دەرھال ياخشىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر ئوچۇق خەت سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. مەزكۇر تەشكىلات خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋنى خىتايدىكى ئۆكتىچى ۋە ئىنسان ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوغداشقا ئۈندىمەكتە.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋغا يېزىلغان بۇ ئوچۇق خەتتە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بولىدىغانلىقى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ مەزكۇر دۆلەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن .

چەتئەللىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئادۋوكات ۋە ئاكادېمىكلار تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ئوچۇق خەتتە يەنە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى گاۋ جىچىڭ، چىن گۇاڭچىن ، جاۋ يەن ۋە خۇ جيا قاتارلىقلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، تا ھازىرغىچە ئىز-دېرەكسىز ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان. مەزكۇر ئوچۇق خەتتە يەنە، خىتايدىكى ئەدلىيە قانۇنىنىڭ ئادىل ئەمەسلىكى ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا تېزدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.