خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى ھارپىسىدا ئامېرىكىدىكى خىتايغا قارشى تەشكىلاتلار نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرمەكتە


2006.04.12

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ، 18 ‏- ئاپرىل كۈنىدىن 21 ‏- كۈنىگىچە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولماقچى، مۈتەخەسسىسلەر خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى ئارقىلىق ئامېرىكا ‏- خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئالاھىدە بىر ئۆزگىرىش بولمايدىغانىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ ئارىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەر قايسى ئۆكتىچى تەشكىلاتلار خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە ئېلىپ بارىدىغان بىر قاتار پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ھازىرلىق كۆرمەكتە.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى، چەتئەللەردە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تۈزۈمىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر قايسى ئۆكتىچى تەشكىلاتلار ئۈچۈن، ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتىكى ياخشى بىر پۇرسەت ھېسابلاندى.

خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار، خۇنىڭ زىيارىتى ئامېرىكا خەلقىگە ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىتىشى ئۈچۈن مەيدان ھازىرلىدى دەپ قاراشماقتا.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ، خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئامېرىكىدىكى تەيۋەن مۈستەقىللىق تەرەپدارلىرىمۇ ، خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى داۋامىدا پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى تەيۋەن جەمئىيەت ئىشلىرى تەشكىلاتىنىڭ دىرىكتورى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى:

«بىز ، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىم ، ئامېرىكىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى لافېيەت باغچىسىدا يىغىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئاساسلىق خىتاينىڭ قورال بىلەن تەيۋەننى بويسۇندۇرۇش غەرىزىگە بولغان نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرمەكچى.»

مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ دىرىكتورى سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.