خۇ جىڭتاۋ سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىدۇ

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 18 - ئاپرىلدىن 21 - ئاپرىلغىچە ئامېرىكىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى 22- ئاپرىلدىن 24 - ئاپرىلغىچە داۋاملىشىدىكەن. ئۇ، "مېنىڭچە ئېنېرگىيە ھەمكارلىق بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىزدىكى مۇھىم ساھە، لېكىن بىردىن ‏- بىر ساھە ئەمەس " دەيدۇ. خىتاي ئامېرىكىدىن قالسا دۇنيا بويىچە 2 - چوڭ نېفىت ئىستىمال قىلغۇچى دۆلەت بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى 130 مىليون توننا خام نېفىت ئىمپورت قىلغان. بۇنىڭ 20 مىليون توننىسىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن سېتىۋالدى. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا بۇ يىل 1 - ئايدا تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن نېفىت، تەبئىي گاز ۋە مېنىرال ماددىلار زاپىسى بويىچە بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالىغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ " سىياسىي جۇغراپىيىلىك نۈقتىدىن ئالغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسلام دۇنياسى، ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە پارىس قولتۇقى رايونىدا تەسىرى چوڭ دۆلەت"، بۇ بېيجىڭ ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە "سەئۇدى ئەرەبىستان كۆپ تەرەپلەردە خىتايغا ئېھتىياجى بار دۆلەت " دەپ قارالماقتا. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى پۇل بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم مەنبە، دەپ قارايدۇ ۋە سەئۇدى دائىرىلىرىنىڭ بۇنى چەكلەيدىغان تەدبىر ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.