خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ساھەسىدىكى تەنقىدىنى رەت قىلدى


2008.01.18

خىتاي، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىدىكى چېكىنىشكە قاراتقان تەنقىدىنى، بولۇپمۇ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقىغا قاراتقان تەنقىدىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ تەنقىدى جوڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان، قارشى ئېلىنمايدىغان ھەرىكەت، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي تەرەپنىڭ ئىنكاسى بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆكتىچى زاتلارنى قولغا ئېلىشنى توختىتىش، سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇۋېتىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا جاۋابەن ئېلان قىلىندى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جياڭ يۈي بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «بەزىلەر كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، جوڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماقچى بولىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. جوڭگو كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىدۇ»، دەپ تەكىتلىگەن. ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى سۇزان ستېۋېنسىن ئالدىنقى كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيانى قولغا ئېلىش، مۇخبىرلار، ئۆكتىچىلەر ھەم كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئادۋوكاتلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرىدىن بىئارام بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ ھەرىكەتلەر..... ئادۋوكاتلار، مۇخبىرلار ۋە پۇقرالار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى شەخسلەرنى نىشانغا ئېلىشنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە»، دېگەن ئىدى.

سۇزان ستېۋېنسىن يەنە «بىز خىتاينى بۇ تۈردىكى قولغا ئېلىش، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ، تۇتقۇندىكى ياكى تۈرمىدىكى سىياسى مەھبۇسلارنى قويۇۋېتىشكە چاقىرىمىز،» دەپ ئەسكەرتىدۇ. سۇزان ستېۋېنسىن بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت سېكرىتارى جون نىگرىپونتى خىتاي بىلەن ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خىتايغا كەلگەن مەزگىلدە تەكىتلىگەن بولۇپ، پەيشەنبە كۈنى نىگرىپونتى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن ئالدىنقى كۈنى كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. لېكىن ، جياڭ يۈي مۇخبىرلارغا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى رەت قىلىپ، «چارشەنبە كۈندىكى سۆھبەتتە بۇ مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى،» دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.