خىتاي شەھۋانىيلىققا قارشى تۇرۇش دېگەن نام بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ


2008.01.23

خىتايدا ئىنتېرنېتكە كىرىدىغان ئادەم سانى ھازىر 137 مىليونغا يەتتى، بۇ خىتايدىكى ئومۇم نوپۇس سانىنىڭ 10% نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنداق كۆپ تور ئەھلى ئىچىدە ھازىر ئەركىن پىكىر ۋە ئەركىن مۇلاھىزىلەر ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 1 ‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا 'شەھۋانىيلىققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى' قوزغىغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر، خەلق ئىچىدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىن 44 مىڭىنى تاقىغان، 800 دىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئالغان ۋە 2000 دىن ئارتۇق ئادەمنى جازالىغان.

شاڭخەي ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جۇ شۆچىڭ ئەپەندى ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئاشكارىلىشىچە، خىتايدا ھازىر شەھۋانىيلىق ئېغىر دەرىجىدە يامراپ كەتكەن، ھۆكۈمەت بۇنىڭغا قارىتا تېگى-تەكتىدىن تۈزىتىدىغان چارە قوللانماي، بەلكى يۈزەكى چارە قوللىنىپ كەلمەكتە. ئەمما 'شەھۋانىيلىق' دېگەننى باھانە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە سەزگۈر كىتابلار-ژۇرناللارنى تازىلىماقتا، ھەتتا 'شەھۋانىيلىق' دېگەننى باھانە قىلىپ نوپۇس سانى ئاز مىللەتلەرگە زەربە بەرمەكتە. ئۇنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە 'شەھۋانىيلىققا قارشى تۇرۇش' دېگەن نام ئاستىدا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى ۋە نەشرىيات ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىق.

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ۋەلىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.