خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى تىزلىكتە ياخشىلىشىنى تەلەپ قىلدى
2008.02.07
مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى، مەزكۈر تەشكىلات ئەزالىرى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ كېلەر ھەپتە ۋاشىنگتونغا يىغىلىپ، خىتايدىن بۇ يىل 8 - ئايدا بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىكلىرىنى قەتئىي توختىتىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى چارشەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ ، 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئاق ساراي ئالدىغا يىغىلىپ، ئولىمپىك باشلىنىشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت پىلانىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئاخبارات باياناتىدا، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا مەجبۇر قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان پائالىيەتچىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەشەببۇسى، بۇ قېتىمقى ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
خىتاي ئولىمپىك مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كۈندىن ئېتىبارەن، خەلقئارادىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خىتاينىڭ ئايال - بالىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش يىغىنى ئېچىلدى
- خىتاي 'شەھۋانىيلىققا قارشى تۇرۇش' دېگەن نام بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ
- خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۈنسېرى ناچارلاشماقتا
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ساھەسىدىكى تەنقىدىنى رەت قىلدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى