خىتاي دائىرىلىرى خۇ ياۋباڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەيدۇ


2005.09.26

مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى خۇ ياۋباڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە تەييارلىق قىلماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بېيجىڭدا ۋە ئۇنىڭ يۇرتىدا ئايرىم - ئايرىم يۇقىرى دەرىجىلىكلەرگە خاس ئىلتىپات بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچىكەن.

خۇ ياۋباڭ 1987 - يىلى بۇرژۇئا ئەركىنلەشتۈرۈشنى يولغا قويدى، دېگەن قالپاق بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئۇ، كومپارتىيە تارىخىدىكى ئەڭ لىبىرال رەھبەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ، 1980 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىپ، مەركەزنىڭ تىبەت سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارغا يۈزگۈزسە بولىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.

خۇ ياۋباڭنىڭ ئەينى چاغدىكى سىياسىتى بويىچە، "شىنجاڭدىكى پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يۇرتىغا قايتىشنى خالايدىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كېتىشىگە يول قويۇش، شىنجاڭدىكى خىتايلار 2 - سەپكە چېكىنىش كېرەك" ئىدى. ئەمما خۇ ياۋباڭنىڭ بۇ سۆزى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بېيجىڭدىكى قاتتىق قوللارنى غەزەپلەندۈرگەن. خۇ ياۋباڭ 1987 - يىلى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندا، دائىرىلەر ئۇنى مىللىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئېغىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

خۇ ياۋباڭ 1989 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭغا ماتەم بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ئۆزگەرگەن. خىتاي كومپارتىيىسى ھازىرغىچە خۇ ياۋباڭنى ئاشكارە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ باقمىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.