خىتاي ياشلار گېزىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى، خىتايدا كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان تاپاۋەت پەرقىنى، خىتايدىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە دەپ قارايدىكەن ھەمدە ھۆكۈمەتتىن بۇنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.
1970- يىللارنىڭ ئاخىرىلىرى خىتايدا باشلانغان ئىقتىسادىي ئىسلاھات گەرچە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېز تەرەققىي قىلىشىغا ھەمدە يۈز مىليونلىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي ئىسلاھات نەتىجىسىدە خىتايدا نامراتلار ۋە بايلار ئوتتۇرىسىدىكى تاپاۋەت پەرقىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشى ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇپ، كومپارتىيىنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت قىلماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، خىتايدىكى پۈتۈن خۇسۇسى مۈلۈكنىڭ 40 پىرسەنتى خىتايدىكى ئەڭ باي ئون پىرسەنت ئائىلىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەن. ھالبۇكى خىتايدىكى ئەڭ نامرات 10 پىرسەنت ئائىلە خىتايدىكى بايلىقنىڭ پەقەت ئىككى پىرسەنتىگە ئىگە ئىكەن.
خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىل بېيجىڭ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق بىر كىشىنىڭ ئوتتۇرا ھال ئايلىق مۇئاش 365 دوللار ئىكەن. بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىكى بىر كىشىنىڭ ئايلىق كىرىمى خىتاي يېزىلىرىدىكى ئىشچىلارنىڭ بىر يىللىق كىرىمىگە توغرا كېلىدىكەن.
بۇ ئارىدا خىتاي كومپارتىيىسى دۈشەنبە كۈنى، چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى جىددىي داۋاملاشتۇرۇشىنى ئەسكەرتتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايدىكى نامراتلار ۋە بايلار ئوتتۇرىسىدا كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان كىرىم پەرقى، چىرىكلىك، كۈندىن-كۈنگە جىددىيلىشىۋاتقان ئىشسىزلىك، كومپارتىيە رەھبەرلىرىنى قايغۇلاندۇرماقتا. (قانات)