خىتاي پارتىيە مەكتىپى خىتايدا مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى


2007.01.04

خىتاي پارتىيە مەكتىپى تەرىپىدىن پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ، خىتايدا مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم ئىكەنلىكى تەكىلىنىش بىلەن بىرگە ، مىللىي ئىلمىنىتلار تۈپەيلى ھەر خىل زىددىيەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ كۈچىيىپ، ھەرقانداق بىر ۋاقىتتا ۋەقە سادىر بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە ، 4 خىل زىددىيەت كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خەلقئارا دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما بىلەن شىنجاڭ مۈستەقىللىق تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتىنى قوللاۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى ئارىسىدىكى پەرقنىڭ ئىنتايىن چوڭلۇقى، مىللىي ئىلىمىنتلار تۈپەيلى شەكىللەنگەن زىددىيەتلەر ۋە مىللىي خىزمەتتىن شەكىللەنگەن پەرقلەردىن خىتايدا مىللىي توقۇنۇشنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە يەنە ، ئۇزۇندىن بېرى ئامېرىكىنى مەركەز قىلغان خەلقئارا دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ مىللىي، دىنىي، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى قورال قىلىپ، خىتاينىڭ مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خەلقئارادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 50 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن باستۇرمىچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ مائارىپ، مەدەنيەت ، دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە قاتتىق دەپسەندىچىلىككە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنى خەلقئارا دۈشمەن كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئەمما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرمەكتە. رابىيە قادىر خانىم خىتاي تۈرمىسىدىكى چېغىدىلا " رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى " بىلەن تەغدىرلەندى ، ئۇ يەنە دۇنيا نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ كۈچلۈك نامزاتلىرىدىن بىرى بولۇپ باھالاندى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.