خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن بوغىزىدا ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن بىرگە، بېيجىڭ رەھبەرلىرى، خىتاي ئارمىيىسىگە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك تەييارلىقلارنى تېزلىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
خىتاي خەلق ئارمىيىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گېنېرال گو بەيشيۇڭ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىللىق يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، بارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىز تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا قەتئى قارشى تۇرىمىز، تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ تەيۋەننى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئايرىۋىتىشىگە يول قويمايمىز، دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گېنېرال گو، بىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز چىن شۈيبيەننىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى توغرىسىدىكى پائالىيەتلىرىگە قارشى تۇرۇپ، بۇ پائالىيەتلەرنى توسۇشتىن ئىبارەت، دېگەن.
خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گاڭچۈئەنمۇ، چىن شۈيبيەننىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتىنى بىكار قىلىش قارارىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇ، تەيۋەننىڭ قانۇنىي مۇستەقىللىقى يولىدا تاشلانغان خەتەرلىك بىر قەدەم، دېدى. ئۇ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئارىدا، تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن ئەتراپىغا 800 گە يېقىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. تەيۋەن مۇداپىئە مىنستىرلىقى خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ئارقىلىق، تەيۋەن بوغىزىدا ئۇرۇش پارتلىسا، تەيۋەننى پۈتۈنلەي قامال قىلالايدىكەن.
لېكىن، بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئامېرىكىدىن ئىلغار تېخنىكىلىق قوراللار سېتىۋېلىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەقسەتلىك ھالدا خىتاي ھەربىي تەھدىتىنى جىددىي قىلىپ كۆرسەتمەكتە. (قانات)