خىتاي شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 3 - ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرى ھارپىسىدا، خىتاي جەمئىيەت تەكشۈرۈش ئورگىنى خىتاينىڭ 16 شەھىرىدە ئىككى يىغىننى چۆرىدىگەن مەزمۇنلاردا پۇقرالارنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
بۇلتۇر 12 - ئايدا باشلانغان، 2 مىڭ كىشى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان مەزكۇر راي سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئىككى يىغىن مەزگىلىدە كەڭ پۇقرالار ئەڭ قىزىقىدىغان مەسىلىلەر ئىچىدە، تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسى 75 % لىك، ئىشسىزلىق مەسىلىسى 61 % لىك ۋە مائارىپ مەسىلىسى 52 % لىك بىلەت بىلەن مۇھىم مەسىلە دەپ قارالغان. بۇنىڭدىن قالسا پۇقرالارنىڭ داۋالىنىش ۋە جەمئىيەت باراۋەرلىكى مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان.
ئامما ئىنكاس قىلغان ۋە ھەل قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قارالغان مەسىلىلەر ئىچىدە، بازار رىقابىتى تەڭسىزلىكىدىن شەكىللەنگەن باي - كەمبەغەللىك پەرقى، قانۇن ساھەسىدىكى قارا كۆلەڭگىلەر، كىشىلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشتا دۇچ كېلىۋاتقان توسقۇنلۇقلار، چىرىكلىك، مائارىپ، داۋالىنىش ھەمدە دېھقانلار مەسىلىسى قاتارلىقلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
ئامېرىكىدىكى خىتاي جەمئىيەتشوناسلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئامما ئىنكاس قىلغان يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ھەمدە سىياسىي كېڭەشتەك ئورگانلارنىڭ يىغىنىدا ھەل قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان شۇنداقلا مۇقىمسىزلىقنى پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ھېسابلىنىدىكەن. (ئىلتەبىر)